رىزۋان:
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئىككىمىز بىر ئۆيدە ئىدۇق. ھازىر بۇ خەتنى سىزگە يېراقتىن يېزىۋاتىمەن. ئۆيدىن كېتىش ئالدىدا خەت قالدۇرۇپ كەتكەنىدىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سىز ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، جوزا ئۈستىدىكى خەتنى كۆرۈپ ھەيران بولغانسىز؟ مەن ئۇ خەتكە ئاددىيلا قىلىپ: بۈگۈن سىرتقا ماڭىمەن، ئەنسىرىمەڭ، قايسى ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئايرىم خەت ئەۋەتىمەن، دەپ يازغانىدىم. بۇ سىزنى ئالاقزادىلىككە سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈنلا دېيىلگەن گەپ ئىدى. كۆڭلۈمدە بولسا، بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلمەيمەن، دېگەن قارارغا كېلىپ بولغانىدىم.
شۇ كۈنى كېچىدە شەھەرلىك باغچىنىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقىدا يېتىپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. سەھەرلىكى باغچىنىڭ دەرەخلىرى ئارسىدىن كەتكەن ئاياغ يوللىرىدا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، نېمە قىلىشىم توغرىسىدا قايتا ئويلاندىم ... ئازدىن كېيىن، ئەتىگەنلىك قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ رەڭمۇ رەڭ شولىلىرىنى تۆكتى. گۈللۈكلەردىكى گۈللەر قىزغۇچ نۇرغا چۆمۈلدى. مەن ئەتىگەنلىك ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەس ئالدىم. ھايات نېمىدېگەن گۈزەل! لېكىن، مەن ئۆلۈشنى خالايمەن. سىز ھەيران بولماڭ. ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتتىن بىزار بولغان بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھاياتنى سۆيىدىغان، ئەمما ۋىجداننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئۆزى ئىجرا قىلىدىغانلارمۇ بار ... ئىككىمىز ئاشۇ گۈللۈكلەر ئارىسىدىن كۆپ قېتىم ئۆتكەنىدۇق. ئەنە، سىز ياخشى كۆرىدىغان ئاق، سېرىق ئەترە گۈللەر يەنە ئىلگىرىكىدەكلا كۈلۈپ ئېچىلىپ تۇرۇپتۇ. بىز ھەر دائىم كېلىپ ئولتۇرىدىغان دەرەخلەر ئارىسىدىكى ھېلىقى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنى مەن بۈگۈن كېچە ئۆز بەدىنىم بىلەن ئىسسىتتىم. بۇ مېنىڭ خاتىرىلىك جايلار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىشىم ئىدى.
ئەتىسى مەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، <<ئا>> يېزىسىغا يېتىپ كەلدىم. بۇ يەردە توختىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ يەردە مېنىڭ يېقىن بىر ساۋاقدىشىم تۇرىدۇ. كۆڭلۈمدىكى بارلىق گەپلەرنى شۇ بۇرادىرىمگە ئېيتىپ، ئاندىن ئاشۇ يېزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئۆزۈمنى تاشلىماقچى ئىدىم. ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە توختىدىم. مېنىڭ بۇ يەرلەرگە كەلمىگىنىمگە يەتتە-سەككىز يىلدىن ئاشقانىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئېرىق بويلىرىغا يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەر ھازىر ئېگىز بوي تارتىپ، يوغىناپ كېتىپتۇ، ھويلىدىن بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى بىلەن بىر ئايالنىڭ بالىلارنى تاماققا چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇ چاغدا، مېنىڭ بۇ ئۆيگە كىرىشكە كۆڭلۈم تارتمىدى. ئۆز تۇرمۇشى، ئۆز بالىلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان بۇ كىشىلەرگە ھەسرەت تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ ئارامىنى بۇزۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! ئىچىمدە: ياشاپ قالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇدىغان ھەسرەتمۇ مەن بىلەن بىللە كەتسۇن، دېدىم-دە، كېتىپ قالدىم.
يېزىدىن چىقىپ، شىۋاقلار بىلەن قاپلانغان دۆڭلۈكتىن تۆۋەنلەپ چۈشۈپ، دەريا بويىغا يېتىپ كەلدىم. ئېگىز يار ئاستىدا لايقىپ ئېقىۋاتقان دەريا ھەيۋەتلىك شارقىرايتتى. مەن يوغان قورام تاش ئۆستىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، تاماكا چەكتىم. پايانسىز كۆك ئاسماندا چۆل قۇشلىرى قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇچماقتا ئىدى. تۆۋەندە بىر يەردىن پادىچى بالىنىڭ نەي ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۈتۈن ۋادا گويا ئاشۇ مۇڭلۇق نەي ئاۋازى بىلەن بىللە يېنىك نەپەس ئېلىۋاتقاندەك ئىدى. مەن ئېچىنىش بىلەن ئويلىدىم: تەبىئەتمۇ، قۇشلارمۇ، دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريامۇ – بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ، شۇنچە چىرايلىق ياشناپ تۇرۇپتۇ. لېكىن مەن ئۆلمەكچى...
رىزۋان، مەن ئۆلمىدىم، قولۇمدىكى تاماكىنى ئىچىمگە قاتتىق-قاتتىق تارتىپ، ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم-دە، ھاياتىم بىلەن ئۆلۈمىم ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىر-ئىككى چامداملا ئارىلىق قالغان بۇ دەھشەتلىك يار ئۈستىدىن كېتىپ قالدىم.
تۈنۈگۈن مەن X شەھىرىگە كەلدىم. ئېھتىمال، بۇ خەت سىزنىڭ قولىڭىزغا تەگكەن چاغدا مەن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولارمەن. نىمە ئۈچۈن سىزدىن ئايرىلىشنى ئىستەپ قالغىنىمنى ئېيتسام، گەپنى يېراقتىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
بىز دەسلەپكى تونۇشقان ۋاقتىمىزدا سىز مېنىڭدىن:
– سىز ئىلگىرى بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟ – دەپ سورىغانىدىڭىز، مەن پەرۋاسىزلا:
– ياق، – دەپ جاۋاپ بەردىم، سڭز:
– مەن ياخشى كۆرگەن، لېكىن ئۇ يىگىت <<مەدەنىيەت ئىنقىلابى>> دا يامان ئادەملەر تەرىپىدىن بىگۇناھ ئۆلتۈرۈۋىتىلدى، ئۇنى ئۆمرۈم بويى ئۇنتۇيالمايمەن، – دەپ يەرگە قارىدىڭىز.
مەن سىزگە قارىدىم. سىزنىڭ مەڭسىلىرىڭىز ھاياجاندىن قىزارغانىدى. بۇ سىزنىڭ يۈرىكىڭىزدىكى ماڭا نامەلۇم يېگىت سالغان ئوتنىڭ تەپتى ئىدى ... رىزۋان، سىزنىڭ ماڭا بىرىنچى قېتىم ئەتىر گۈل ئۈزۈپ بەرگەن ۋاقتىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ گۈل مۇھەببەتنىڭ بەلگىسىمىدى؟ ياق! بىز پەقەت تۇرمۇش زۆرۈرىيىتى بىلەنلا ئۇچرىشىپ قالغان ئادەملەر. ھەقەقىي سۆيگۈ مۇھەببىتىنى باشتىن كەچۈرۈش ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ. ئۇ شۇنچىلىك نازۇك ھېسسىياتكى، قايتا تەكرارلانمايدۇ. سىز باشقا بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈشكە ئۆزىڭىزنى زورلاپ باقسىڭىزمۇ، ئۇ ئالدىنقىسىدەك چىن بولمايدۇ. سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ئلىبۇرۇن ھېلىقى نامەلۇم يېگىتكە بېغىشلىنىپ بولغان...
بىز توي قىلىشتىن ئىلگىرى، سىز يېشىل ئوتلار بىلەن قاپلانغان دۆڭلۈك ئۈستىدە يىراقلارغا قاراپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن شۇ يىگىتىڭىزنى ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىڭىزنى ئېتىپ، مېنىڭدىن: شۇ يىگىت توغرىسىدا گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىڭىزغا، ئۇنىڭ تۇغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى ساقلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىشىمنى، ئۇ يىگىتكە بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ھۆرمەن قىلىشىمنى تەلەپ قىلدىڭىز. مەن ئۇ شەرتنى قوبۇل قىلدىم. چۈنكى، مېنىڭ ھاياتىمدىمۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۇھەببەت ۋەقەلىكى بار ئىدى، مەن ئۇنى سىزگە ئېتىشنى خالىمىدىم. ئۇ قىز ھازىرمۇ ھايات تۇرۇپتۇ. ئۇ مېنى تاشلاپ كەتكەندە مەن ئازابلاندىم. ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا مۇھەببەت بىلەن قارىغان كۆزلىرىنى، بوينۇمغا گىرە سالغان ئىسسىق قوللىرىنى زادى ئۇنتۇيالمىدىم، شۇڭا، سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھېسسىياتلىرىڭىز ماڭا چۈشىنىشلىك ئىدى. ئىككىنچىدىن، سىزنىڭ ئۇ يىگىتىڭىز ئالەمدىن ئۆتكەن، مېنىڭ ئۇنىڭغا تارلىق قىلىشىمنىڭ، ئۇنىڭدىن سىزنى قىزغىنىشىمنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق ئىدى.
ئەمما رىزۋان، مەن سىز بىلەن بىللە بولغان شۇ يىللار ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇ نامەلۇم يىگىتنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا مەن پەرەز قىلغاندىنمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. سىز ئۇنى ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم تىلغا ئالاتتىڭىز. تۇرۇپلا تاتلىق خىياللارغا چۆكۈپ كېتەتتىڭىز. شۇنداق چاغلاردا سىز ئۆتمۈشنى ئويلايتتىڭىز، شۇنداق چاغلاردا سىز خىيال كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن يىگىت بىلەن ياشايتتىڭىز ... نېمە ئۈچۈن تەقدىر سىزنى ئۆز يىگىتىڭىزگە، مېنى ئۆز قىزىمغا قوشماي، ئىككىمىزنى بىر ئۆيدە قىلىپ قويدى؟ بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى مەسخىرىسىمۇ؟ بىزگە ئوخشاش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نېمە دېيىش مۇمكىن؟ بىز بىر بىرىمىزنى ھۆرمەتلەيمىزغۇ، بىر بىرىمىزنى سۆيىمىزغۇ، شۇ يىللار ئىچىدە بىھ بىرمۇ قېتىم جاڭجاڭلاشمىدۇققۇ، بىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋە مۇھەببەت بولمىسا، ئەمىسە نېمە؟! سىز بۇ سوئالغا <<بىز ئىناق ئەر-خوتۇن>> دەپ جاۋاب بېرەتتىڭىز. سىز راستىنى ئېيتتىڭىز. بىز ئەنە شۇنداق ئىناق ئەر-خوتۇن ئىدۇق. بىز مۇھەببىتىمىزنى بەرگەن ھېلىقى نامەلۇم كىشىلەر بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە بىز بىلەن بىللە ياشايتتى.
رىزۋان، سىز مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل ئايالسىز. سىز بىلەن مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆيدە تۇرالىدۇقكى، سىزنىڭ گېپىڭىز ئوچۇق، كۆڭلىڭىزدە يامانلىق يوق؛ مەن بولسام سىزنىڭ ھېلىقى يىگىتكە بولغان ھېسسىياتلىرىڭىزغا ھۆرمەت قىلدىم، سىزنىڭ مۇھەببەتتىكى ساداقەتلىكىڭىزنى قەدىرلىدىم ... مەن سۆيگەن قىز مۇھەببەتكە ئۇنداق سادىق بولالمىغان. مەن ئۇ قىز بىلەن <<مەدەنىيەت ئىنقىلابى>> دىكى قالايمىقانچىلىقلار باشلىنىشتىن ئىلگىرى تونۇشقانىدىم. سېھىرلىڭ ئايدىڭ كېچە، شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ، ھاياجاندىن دۈپۈلدىگەن بىر جۈپ يۈرەك، قاراڭغۇ تۈن قوينىنى يېرىپ ئۆتكەن مۇھەببەتلىك ناخشىغا ئوخشاش گۈزەل خاتىرىلەر شۇ چاغدىكى مېنىڭ ھاياتىمنى بېزىگەنىدى. قالايمىقانچىلىق يىللارغا يېتىپ كەلگەندە مېنىڭ مېڭەم قىزىپ كەتتى. نېمە قىلىپ، نېمە قويۇۋاتقانلىقىمنى بىلمىگەن ھالدا ۋاڭىلداپ ئېتىلىۋاتقان ئوق، ئۇرۇش-چېقىش قايناملىرىنىڭ ھەممىسىگە بېشىمچە كىرىپ كەتتىم. بىزدەكلەرنى مايمۇن ئويۇنىغا سېلىۋاتقان ئەبلەخلەر ئۇ چاغدا بىزگە <<يېڭى شەيئى>> دېگەن چىرايلىق ئۇنۋاننى بېرىشكەنىدى، بىز شۇ چاغدىكى <<يېڭى شەيئى>> لەر جەمئىيەتنى ۋەيرانچىلىققا سېلىۋەتكەنلىكىمىز بىلەن مەغرۇرغانلانىدۇق، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ دات پەريادلىرى بىزنى ھۇزۇرلاندۇرغانىدى. مەن شۇنچىلىك تەلۋىلەشكەن ئىدىمكى، ھېچكىمنىڭ نەسىھەت گېپى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. شۇ چاغدىكى شۇئار ۋە تەشۋىق گەپلەر كاللامغا قوغۇشۇندەك قۇيۇلغان بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ ماڭغان يولىنى <<شەكسىز توغرا>> دەپلا بىلەتتىم. لېكىن، مېنىڭ بىر ئاجىزلىغىم بار ئىدى. باشقا ئىشتا قانچىلىك قاتتىا بولساممۇ، ھېلىقى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىز ئالدىدا شۇنچىلىك مۇلايىم، رايىش ئىدىم، ئۇ نېمە دېسە، مەن شۇنى قىلىشقا تەييار ئىدىم. ھازىر ئويلىسام، ئۇ چاغدا مېنى، مەن پېتىپ كېتىۋاتقان پاتقاقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغانمۇ پەقەت شۇ قىزلا ئىدى. لېكىن، ئۇ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى-دە، مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ كېتىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مەندەك بىر <<يېڭى شەيئى>> نى نېمە ئۈچۈن تاشلاپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم. ئۇنىڭ <<ئەقىلسىز>> لىقىغا كۈلدۈم. پەقەت يىللار ئۆتۈپ، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىلا، ئاندىن مەن ئۇ قىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى چۈشەندىم.
رىزۋان! سىزنىڭچە ئادەمنىڭ ھاياتى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مېنىڭچە، ھايات – ئۇ بىر ئاق دەپتەر، ياشاش جەرياندا ھەركىم بۇ دەپتەرگە ئۆز تارىخىنى يېزىپ ماڭىدۇ، شۇ شەخىس ئۆلگەندە ئۇنىڭ ئۆز ھاياتى توغرىسىدىكى بۇ تارىخىي ئەسەرمۇ يېزىپ تاماملىنىدۇ. مېنىڭ ھاياتىمنىڭ نۇرغۇن سەھىپىلىرى ئەنە شۇنداق لەنەتلىك تارىخ بىلەن پۈتۈلدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئون يىلچە ئەخمەق بولغانلىقىمنى تونۇپ يەتكەندە، مېنىڭ سۆيگەن قىزىم تۇرمۇشلۇق بولۇپ بولغانىدى. ئۆتكەن كۈنلەرگە قاتتىق ئۆكۈندۈم. ھاياتىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەھىپىلىرىنى ياخشى يېزىش ئۈستىدە ئويلاندىم. ئەنە شۇنداق كۈنلەردە سىز ماڭا ئۇچرىدىڭىز. رىزۋان، مەن يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى ھۆرمەتلەيتىمكى، سىز ۋە سىزگە ئوخشاش يەنە بىر بۆلۈك ياشلار – سىلەر ھېلىقى قارا يىللاردىمۇ ئۆزۈڭلەرنى بۇلغىماي ئۆتكەن كىشىلەردىن ئىدىڭلار.
ئالدىنقى ئاينىڭ 23-كۈنى ئېسىمدىن زادى چىقمايدۇ. شۇ كۈنى سىز ماڭا كۆزلىرىڭىزنى تىكىپ:
– نۇرى، مەن ئايۇپنىڭ ئانىسىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى ئالدۇرغانىدىم. ئۇنى چوڭايتىشقا بېرىپ قويغان، بۈگۈن چىقىدۇ، رەسىمنى ئەكېلىپ ئېسىپ قويسام، رۇخسەت قىلامسىز؟ – دەپ سورىدىڭىز، مەن كۈلۈپ:
– شۇنىمۇ مەندىن سوراپ يۈرەمسىز، ئەكېلىڭ! – دېدىم.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن ئۆيگە كېلىپ، تامدىكى يوغان رەسىمنى كۆردۈم. رەسىمدە قارا قاشلىق، چىرايلىق كەلگەن بىر يىگىت تۇراتتى. مېنىڭ يۈرىكىم <<قارت>> قىلىپ قالدى. رەسىمدىكى يىگىتنىڭ سول پېشانىسىدە تۇرغان يوغان قارا مەڭمىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ تۇرغان چېچىمىدۇ؟!... مەن رەسىمنىڭ يېنىغا بېرىپ سەپسالدىم. سول پېشانىسىدە تۇرغان بۇ قارا باشقا نېمە ئەمەس، مەڭ ئىدى. بېشىم قېيىپ ئولتۇرۇپ قالدىم...
1968ىلنىڭ بىر كېچىسى ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بۇ <<جىن—شەيتانلارنى يوقىتىش جەڭگىۋار ئەترىتى>> نىڭ يەر ئاستى تۈرمىسىدە بولغان ۋەقە ئىدى. مەن 25 ياشلار چامىسىدىكى بىر داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى سوراق قىلدىم، ماڭا، باشقىلار ئۈچ كېچە سوراق قىلىپ ھېچ نەتىجە چىقىرالمىغان بۇ <<جىن-شەيتان>> نى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەكسىلئىنقىلابى تەشكىلاتى بارلىقى توغرىسىدىكى ماتېرىيالغا قول قويدۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىدى. مەن ئۇنى تاسما بەلۋاغ بىلەن ھارغىچە دۇمبالىدىم، ئاخىردا ئۇ ئەلەمگە چىدىماي، مېنى بىر تېپىپ ئارقامغا ئۇچۇرۇۋەتتى. بۇ قارشىلىق مېنىڭ ئەسەبىيلىكىمنى تېخىمۇ قوزغىدى، تۆمۈر كالتەك بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇردۇم، ئۇ بىر تەرەپكە قىيشىيىپ يىقىلىپ، ئاغزىدىن كەلگەن قويۇق قان سېمونت ئۈستىگە يامرىدى. ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە تەگكەن تۆمۈر كۆزىگە باغلانغان قارا لاتىنىمۇ كېسىپ تاشلىغان بولۇپ، يىگىتنىڭ ئوچۇق قالغان كۆزى ماڭا نەپرەت بىلەن توپتوغرا قادالغانىدى. ئۇ مېنى تونۇۋالدى. ئۇنىڭ ساق قالسا مېنىڭدىن ئۆچ ئېلىشىنى ئويلاپ، ئۇنى ئېتىپ تاشلىدىم. شۇ چاغدا، ئۆلگۈچىنىڭ سول پېشانىسىدە تۇرغان قاپقارا مەڭ مېنىڭ ئېسىمدە ئېنىق قالغانىدى.
رىزۋان! شۇ كۈنى مەن سىزنىڭ كۆزىڭىزگە زادى قارىيالمىدىم. شۇ كېچىسى سىز تامدا تۇرغان رەسىمگە قاراپ قويۇپ خاتىرجەم ئۇخلىدىڭىز. ئېھتىمال مەڭلىك يىگىت بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى چۈشىڭىزدە يەنە قايتا كۆرگەنسىز. لېكىن، مەن ئۇخلىيالمىدىم، ئەتىدىن باشلاپ سىزنىڭ يۈزىڭىزگە قانداق قارىشىمنى ئويلاپ ئازابلاندىم. بىزنىڭ ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا رەسىمدىكى ئاشۇ يىگىتمۇ بىز بىلەن بىللە ياشايدىغۇ؟ سىز مېنى <<ھاياتىمدىكى ياخشى ھەمرا>> دەپ قارايسىز. لېكىن، مەن سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى بېزەيدىغان چىلايلىق گۈلنى غازاڭ قىلغان ۋىجدانسىزغۇ؟!قاچان بولمىسۇن بىر كۈنى، مېنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىل ئىكەنلىكىمنى بىلگەن چىغىڭىزدا ماڭا قانچىلىك نەپرەت بىلەن قارارسىز؟... مەن ئەنە شۇلارنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزدۈم-دە، كېتىش قارارىغا كەلدىم.
سىز بۇ خەتنى ئوقۇپ، ئۆزىڭىز ئۇقۇشماي بىللە ياشىغان قاتىلدىن نەپرەتلىنىپ: <<سەن نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى دەرياغا تاشلىمىدىڭ؟!>> دەرسىز، مەن ئۆلۈمدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، ھاياتنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى دەرياغا تاشلىمىدىم. مەن ئۆلىمەن، ئالدى بىلەن بىزنى بىر بىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قۇتراتقان باش جىنايەتچىلەر سوراق سەھنىسىگە تارتىپ چىقىرىلغاندا، ئۇلارغا تېگىشلىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپىمنى قىلىۋېلىپ، ئاندىن ئۆلىمەن. شۇ چاغدا قانۇن ئالدىغا ئۆزۈم بېرىپ جىنايەتلىرىمنى تاپشۇرۇپ، ماڭا ئۆلۇم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆلىمەن. ماڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندە، مېنى باشقا كىشى ئەمەس، دەل سىزنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈشىڭىزنى خالايمەن. سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن مېڭەمدىن تۆشۈك ئېچىپ، <<ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدىم>> دەپ ئۆزىڭىزگە تەسەللى بەرگەندە، مەنمۇ ۋىجدان ئازابىدىنقۇتۇلۇپ خاتىرجەم كۆز يۇمغان بولىمەن. سىزگە بەختلىك تۇرمۇش تىلەپ:
نۇرى.
1979—يىلى